ئافرىقىدا مۇساپىرلار مەسىلىسى قورقۇنۇچلۇق دەرىجىگە بېرىپ يەتتى

ئافرىقىدا كۆچمەنلەرنىڭ سانى 12 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.

593485
ئافرىقىدا مۇساپىرلار مەسىلىسى قورقۇنۇچلۇق دەرىجىگە بېرىپ يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى پىتېر مورېر ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس ئابابادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئافرىقا قىتئەسىدىكى كۆچمەنلەر سانىنىڭ 12 مىليونغا يەتكەنلىكىنى، ئىچكى كۆچمەنلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ رايوندىكى قوراللىق توقۇنۇشلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كېڭىشىگە كۆچمەنلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىشنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارغا ئالاقىدار دوكلات سۇنغان مورېر ئافرىقا دۆلەتلىرىنى مەزكۇر ئەھدىنامىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

بۇ ھەقتە ئېفىيوپىيە بىلەن مالىنىڭ ئۈلگە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن مورېر، مالىدا كۆچمەنلەر ئۈچۈن دالا مەكتەپلىرى قۇرۇلغانلىقىنى، ئېفىيوپىيەدە بولسا رەسمىي كىملىككە ئىگە بولمىغان بولۇشىغا قارىماي، كۆچمەن بالىلارغا مەكتەپلەرگە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە ئىشلەش ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر