مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى غەززە ئۈچۈن ئاران 2 كۈنلۈك ئاچىدىغان بولدى

غەززەدە رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇرغان 4 مىڭدىن ئارتۇق كېسەلنى قوشقاندا، جەمئي 25 مىڭ كىشى بارلىقى قەيت قىلىندى.

590217
مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى غەززە ئۈچۈن ئاران 2 كۈنلۈك ئاچىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىرىنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزى ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن چېگرادىن قوش يۆنىلىشلىك ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى.

غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چېگرا ئېغىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئىككى كۈنلۈك مۆھلەت بىلەن قوش يۆنىلىشلىك ئاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چېگرا ئېغىزىدىن ئىككى كۈن بويىچە ئوقۇغۇچىلار، بېمارلار، مىسىردا تۈرۈش ئىقامەت كېنىشكىسى بولغانلار ۋە چەت ئەل پاسپورتىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئۆتەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

غەززەدە رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈشنى كۈتۈپ تۇرغان 4 مىڭدىن ئارتۇق كېسەلنى قوشقاندا، جەمئي 25 مىڭ كىشى بارلىقى قەيت قىلىندى.

 باياناتتا يەنە، چېگرا ئېغىزىنىڭ ئالدىمىزدىكى چارشەنبە كۈنى مىسىر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قايتا ۋاقىتلىق تاقىۋېتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى 2013 – يىلى 3 - ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتكەن بولۇپ، بەزى قىسقا مۇددەتلىك ئېچىۋېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر