رۇس ژۇرنالىستلار ت ر ت نى زىيارەت قىلدى

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن 12  رۇس ژۇرنالىست ت ر ت نى زىيارەت قىلدى.

589446
رۇس ژۇرنالىستلار ت ر ت نى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېھمان ژۇرنالىستلار ت ر ت خادىملىرى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ۋە قانۇنسىز بايانات ئوقۇتۇلغان 15 – ئىيۇل مىللەت ئىستودىيەسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ژۇرنالىستلارغا ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى كېچىسى يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

ژۇرنالىستلار ت ر ت دىن باشقا يەنە، تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىمۇ زىيارەت قىلدى. ئارقىدىن 15 – ئىيۇل غازىيلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

مېھمان ژۇرنالىستلار غازىيلاردىن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى كېچىسى يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىۋاسىتە ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى كېچىسىنىڭ ئىزلىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى بولۇپمۇ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ بومبىلىنىشىنىڭ ئۆزلىرىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز پىداكارلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكى ھەم ۋەتەننى قوغداش كۈرىشىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ژۇرنالىستلار غازىيلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قەھرىمان ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر