يېڭى زېلاندىيە ئۈچىنچى قېتىم ب د ت غا <ھەلەب قارار لايىھەسى> سۇندى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزاسى يېڭى زېلاندىيە، سۇرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قارىتىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشى مەزمۇن قىلىنغان بىر پارچە قارار لايىھەسىنى كېڭەشكە سۇندى.

588951
يېڭى زېلاندىيە ئۈچىنچى قېتىم ب د ت غا <ھەلەب قارار لايىھەسى> سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىككى تەكلىپ لايىھەسى رۇسىيەنىڭ ۋېتو قىلىشى نەتىجىسىدە رەت قىلىنغان يېڭى زېلاندىيە، ھەلەبكە قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشى مەزمۇن قىلىنغان يېڭى بىر تەكلىپ لايىھەسى تەييارلاپ چىقتى.

لايىھەدە، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى تەلەپ قىلىندى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى گېرارد ۋان بوخېمىن بايانات بېرىپ، لايىھەنىڭ بېلەت تاشلاشقا قويۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، «ھەلەبتە مەيدانغا كەلگەن ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. كېڭەش ئەزالىرىنىڭ جاۋابكارلىقى ئاستىدىكى بۇ ئېغىر مەسىلىنى نەزەرگە ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

قارار لايىھەسىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋاز قويۇلىدىغان ياكى قويۇلمايدىغانلىقى تېخى جەزملەشمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر