چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپىنى تەبرىكلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېسنى تەبرىكلىدى.

584725
چاۋۇشئوغلۇ ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپىنى تەبرىكلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈن گۇتتېرېسقا تېلېفون قىلىپ، ب د ت نىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى. گۇتتېررېسمۇ چاۋۇشئوغلۇغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەمكارلىقنىڭ ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپلىقىغا نامزات بولۇشىغا ناھايىتى زور ھەسسە قوشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە گۇتتېررېسنىڭ زىچ ھەمكارلاشقانلىقىنى، ئۇنىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، يەنە كەلگۈسى مەزگىلدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى بارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر