ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپى مۇئەييەنلەشتى

ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغان ئادەم مۇئەييەنلەشتى.

584236
ب د ت نىڭ يېڭى باش كاتىپى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى توشىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئورنىغا ب د ت  ئالىي كومىسسارى ، پورتۇگالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ سايلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى يېپىق يىغىندا 10 نامزات ئۈچۈن بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى؛ پائالىيەتتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋېتو قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بەش دائىمىي ئەزاسى ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە گۇتېررېسقا قارشى چىقمىدى. پەيشەنبە كۈنىدىكى رەسمىي بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ يېڭى باش كاتىپلىققا سايلىنىشىغا قىل سىغمايدۇ، دەپ قارالماقتا.

يېڭى باش كاتىپ، 2017 – يىلى 1- يانۋاردا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ.

مەۋجۇت باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 31- دېكابىردا ئاخىرلىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن، بان كىمۇن بەش يىللىقتىن ئىككى قېتىم جەمئىي 10 يىل ب د ت  باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر