ئامېرىكا سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە ئىزدەش يوللىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر، ۋاشىنگتوننىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن كۆپ يۆنىلىشلىك چارە ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

583024
ئامېرىكا سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە ئىزدەش يوللىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش بويىچە داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ توختىتىلىشىدىن كېيىنمۇ چارە ئىزدەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىمىز دىپلوماتىك، ھەربىي، دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي چارىلەرنى مۇزاكىرە قىلماقتا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بۇ مۇزاكىرلەر داۋام قىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئەللەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تونېر، «كۆپلىگەن يوللارنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتىمىز. بۇ يوللارنىڭ بەزىلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىلغا ئالغانىدۇق» دېدى.

مارك تونېر، خەلقئارا سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە چاقىرىلىدىغان يىغىنىغا رۇسىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىپ قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا «ئىشتىراك قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

سۇرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش يولىدا تۈرلۈك چارىلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان باياناتچى تونېر، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر