ئەرەب ئىتتىپاقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەلەبتىكى «ۋەھشى قىلمىشى»غا قارشى يىغىن چاقىردى

ئەرەب ئىتتىپاقى ھەلەبتە سادىر قىلىنىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ سوتقا تارتىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

583149
ئەرەب ئىتتىپاقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەلەبتىكى «ۋەھشى قىلمىشى»غا قارشى يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئىتتىپاقى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەلەبتە پۇقرالارغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ «جىنايەت ۋە ۋەھشى قىلمىش» ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەرەب ئىتتىپاقى مىسىرنىڭ پەيتەختى قاھىرەدىكى مەركىزىدە كۈۋەيتنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ھەلەبتىكى ھۇجۇملارنى ۋە ئىنسانىيەتكە زىت ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن دائىمىي ۋەكىللەر سەۋىيەسىدە جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى سىياسىي چارە ئىكەنلىكىگە دائىر قەتئىي پوزىتسىيە تەكىتلەندى. 

خۇلاسە دوكلاتىدا، ھەلەب ۋە سۈرىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىكى ئىنسانىيەتكە زىت ئەھۋاللارنىڭ بارغانچە يامانلىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. خەلقئارا جامائەتچىلىكنى سۈرىيەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگانلىرىنى بولسا، رايونغا جىددىي ياردەم يەتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلىندى.

دائېش ۋە نۇسراغا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، بۇ قىلمىشلارنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بۇنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ سوتقا تارتىلىشى لازىملىقى قەيت قىلىندى.

بۇ تىراگېدىيەنى توختىتىش جەھەتتە مەسئۇلىيەتنىڭ دائىمىي ۋەكىللەرنىڭ ئۈستىدە، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، قورشاۋ ئاستىدىكى پۇقرالارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش، بارلىق ئورگانلارنى پائال ھالغا كەلتۈرۈش ۋە بىخەتەر كارىدورلارنى ئېچىش كېرەكلىكى چاقىرىق قىلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەرەب گۇرۇپپىسى ناۋادا ب د ت خەۋپىسزلىك كېڭىشىدىكى ۋەزىپسىنى ئادا قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، ھەلەب ۋە باشقا شەھەرلەردىكى ئىنسانىيەتكە زىت خەتەرلىك ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىش، ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىغا قايتىش ئۈچۈن ئېلىشقا تېگىشلىك تدبىرلەرنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە «تىنچلىق ئۈچۈن بىرلىك» نامىدا مەخسۇس يېغىن چاقىرىش تەلىپى سۇنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا جەنۋەدىكى مۇزاكىرىلەرنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن مۇناسىپ مۇھىت يارىتىش كېرەكلىكىمۇ تەكىتلەندى. ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى ۋە يېڭى ۋەزىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق يىغىن ئۈستىدە بولۇشى كېرەكلىكى قارارلاشتۇرۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرەب ئىتتىپاقى مۇئاۋىن باش كاتىپى ئەھمەد بىن خاللى، ئەرەب ئىتتىپاقى تۇنىس دائىمىي ۋەكىلى نەجىپ ئەل مۇنىف بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ: «ئەرەب ئىتتىپاقى سۈرىيەنى بۆلۈشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلارغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر