تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت - سەنئەت جەھەتتىن ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى

580320
تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى بىلەن ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ۋەزىرى ئادىل زەيد ئەتتۇرايفى تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، فېستىۋاللار، مۇزىكا، سەھنە سەنئەتلىرى، ئەدەبىيات، كۇتۇپخانىلار قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە رېمۇنت قىلىش، بالىلار مەدەنىيىتى، گۈزەل سەنئەت، مەدەنىيەت، كۆرگەزمە ماتېرىياللىرىنى ئالماشتۇرۇش، كىشىلىك ۋە گۇرۇپپىلار ھالىتىدە زىيارەتلەر قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلىدۇ.

كېلىشىم لايىھەسى دائىرىسىدە 2017 – ۋە 2018 – يىللىرى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەتكە ئۆتۈلىدۇ.

تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاندا مەدەنىيەت كۈنلىرى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ تۈركىيەدە شۇنداق قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇزىكا، فولكلور ۋە تىياتىر گۇرۇپپىلىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ مىللىي كۇتۇپخانىلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھۆججەتلەر، رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە كىتاب ئالماشتۇرۇلىدۇ.

نابى ئاۋجى ئىمزا مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خۇدايىم بۇيرىسا، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ۋە يىللاردا تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت - سەنئەت ساھەسىدە ئورتاق پائالىيەتلەرنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز.»

مېھمان ۋەزىر تۇرايفى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ۋە خەلقىنىڭ تۈركىيەنى ئىنتايىن ئىنتايىن كۆرىدىغانلىقىنى ھەمدە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداقلا كېلىشىم لايىھەسىنى تەستىقلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ۋە بۇ ھەقتە كۈچ چىقارغان مىنىستىر ئاۋجىغا رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ يەنە، كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر