ئامېرىكا كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە يۈكسەك ئېگىزلىكتە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

578489
ئامېرىكا كورېيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى دانىيېل رۇسسېل كونگرەدە ئېچىلغان بىر يىغىندا، شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر توغرىسىدا توختالدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، رۇسسېل ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقىنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارالىق بانكىچىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستىمېسىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق بارلىق خەلقئارالىق ئورگانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي كورېيە يېقىنقى كۈنلەردە 5-قېتىم يادرو سىنىقىنى قىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بولسا، شىمالىي كورېيەگە قارشى تېگىشلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر