خىتاينىڭ 40 ھەربىي ئايروپىلانى ياپونىيەگە يېقىن جايدىن ئۇچۇپ ئۆتتى

خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 40 تىن ئارتۇق ھەربىي ئايروپىلانى ياپونىيەگە يېقىن بىر دېڭىز بوغۇزى ئاسمىنىدىن ئۈچۈپ ئۆتتى.

576994
خىتاينىڭ 40 ھەربىي ئايروپىلانى ياپونىيەگە يېقىن جايدىن ئۇچۇپ ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈن (دۈشەنبە) بايانات بېرىپ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ يەكشەنبە كۈنى 40 ئايروپىلاننى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىدىكى مانىۋېرغا ئىشتىراك قىلىشى ئۈچۈن ياپونىيە بىلەن ئوكىناۋا ئارىلى ئارىسىدىكى مىياكو بوغۇزىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ ئىچىدە سوخوي – 30 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىندى ۋە «مانىۋېرنىڭ  ئارمىيەنىڭ دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى سىناق قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر