ئاق ساراي باياناتچىسى ئەسەدنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى

ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست سۈرىيەدىكى زوراۋاكلىقنىڭ ئېشىپ كەتلەنلىكى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىغا قارىتا رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

576173
ئاق ساراي باياناتچىسى ئەسەدنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى ئەتراپىدا 19 – سىنتەبىردە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنىڭ خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ھەمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئېلانى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاپ بەردى.

ئېرنېست ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى تۇشۇشى بىلەن تەڭ سۈرىيەدە زورۋانلىقنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىغا قارىتا رۇسىيە ۋە ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بولۇپمۇ ھەلەبتىكى ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەم ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ  قەتئىي كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بەششار ئەسەدنىڭ «سۈرىيەدىكى زوراۋانلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە ئامېرىكا جاۋابكار» دېگەن باياناتلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئېرنېست: «بۇ نۇمۇسسۇزلارچە بىر يالغان» دېدى.

ئېرنېست رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھۆكۈمىتى ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى  نۇرغۇن قېتىم تلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «رۇسىيە ئۇنداق قىلالمايۋاتىدۇ ياكى قىلىشنى خالىمايۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر