ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە پۈتۈشەلمىدى

خەلقئارا سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسى سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قۇتقۇزۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن «ئۇزۇنغا سوزۇلغان، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئېچىندۈرىدىغان» بىر يىغىن ئاچتى.

575481
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە پۈتۈشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستىفان دېمىستۇرا نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئۈمىدلەرنى يوققا چىقارغان يىغىندىن كېيىن سۆز قىلىپ، خەلقئارا سۈرىيەنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئۇزۇنغا سوزۇلغان، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئېچىندۈرىدىغان» بىر يىغىن ئاچقانلىقىنى ئېيتقان.  يىغىنغا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قاتناشقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن. يىغىنغا، 19 دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب ئىتتىپاقى قاتناشقان بولۇپ، تۆت سائەت داۋام قىلغان. يىغىن جەريانىدا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋات زارىف غەزەپلەنگەن ھالدا سىرتقا چىقىپ كەتكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي كېلىشەلمەستىن يىغىندىن تارقالغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان.

جون كېررىي سېرگېي لاۋروۋنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاۋا بومباردىمانىنى توختىتىشى توغرىسىدا ۋەدە بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن:

«بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن سەمىمىي ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىشنى خالىسا، ھاۋا كۈچى بولغان تەرەپنىڭ بومباردىمانىنى توختىتىشى؛ بىر قانچە كۈنلۈك ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختىتىشى كېرەك. بۇنداق بولمىسا، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ.»

ئۇ يەنە: «رۇسىيە بۇنىڭغا جىددىي قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسا، بىزمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ توقۇنۇشلارنى ئۇلغايتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىمىز. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۇرۇش توختىتىشقا بويسۇنسا، ئۆكتىچىلەرنىڭ بويسۇنۇشى ۋە ئەل نۇسرادىن ئۆزىنى ئايرىش مەجبۇرىيىتى بار» دېگەن. ئۇ مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىغان ئەھۋالدا سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ۋە رۇسىيە بىلەن سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قۇتقۇزۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۈنۈگۈن (22-سېنتەبىر) كى يىغىنىدىمۇ كېلىشەلمىگەن ئىدى. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش، 19-سېنتەبىر (دۈشەنبە) ھەلەبتە ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇشى بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. بىراق، ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرانىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىرچە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلدىن قالدى، دېيىشكە بولمايدىكەن.

بۇ پەيتلەردە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئىنتېرنېت تور بېتىدە ئېلان قىلدى. ۋاشىنگتون بۇنىڭدىن بۇرۇن رۇسىيە تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كېلىشىم تېكىستىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا قارشى چىققان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر