فىرانسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا، فىرانسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا 36 دانە «رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

575880
فىرانسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ «رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھىندىستانغا سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئىمزالاندى.

ئېلىسى سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ھىندىستانغا سېتىپ بېرىلىدىغان 36 دانە «رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېن يىۋېس لېدراننىڭ قاتنىشىشىدىكى مۇراسىمدا ئىمزالانغانلىقى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، كېلىشىمنىڭ فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيە سانائىتىنىڭ يەتكەن سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيە بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا «رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك داۋام قىلغان تۆت يىلغا سوزۇلغان ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى. فىرانسىيە 2015-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ھىندىستاننىڭ ئايروپىلانلارنى ھىندىستاندا ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، سۆھبەتنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. شۇ يىلى پارىژنى زىيارەت قىلغان ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى فىرانسىيەدىن 36 دانە «ئۇچۇشقا تەييار» بولغان «رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

«رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى 2005-يىلدىن بۇيان فىرانسىيە ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلمەكتە. فىرانسىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن ئايروپىلان سېتىپ بېرىش سۆھبەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 2015-يىلى فېۋرال ئېيىدا بۇ ئايروپىلاندىن مىسىرغا 24 دانە سېتىپ بەرگەن. ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قاتارغىمۇ 24 دانە سېتىپ بەرگەن. ئەمما، بىرازىلىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئايروپىلان سېتىپ بېرىش سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

ئەڭ ئاز دېگەندە 8 مىليارد ياۋرو قىممىتىگە ئىگە 36 دانە «رافالې» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى، فىرانسىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ خىلدىكى ئايروپىلانلارنى سېتىپ قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ سودا مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر