ئامېرىكا ئىرانغا ئايروپىلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن 2015 – يىلى ئىيۇلدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىرانغا ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى ماقۇللىدى.

575081
ئامېرىكا ئىرانغا ئايروپىلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران بىلەن 2015 – يىلى ئىيۇلدا ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە ئايرباس شىركىتىنىڭ تېھرانغا 17 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىپ بېرىشىنى ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىرانلىق دىپلوماتلار ب د ت يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان نىيۇ يوركتا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر مەسىلە توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

مەركىزىي ياۋروپاغا جايلاشقان ئايرباس شىركىتى، ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى تەرىپىدىن بېرىلگەن سېتىش ئىجازەتنامىسىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدىكى يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

17 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئا320 ۋە ئا330 تىپلىق ئايروپىلانلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئايرباس مەسئۇللىرى، بۇ دەسلەپكى ماقۇللۇق قارارىدىن بىر مەزگىل كېيىن باشقا ئايروپىلانلار ئۈچۈنمۇ رۇخسەت ئالىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى.

يانۋار ئېيىدا ئايرباس بىلەن تېھران ئارىسىدا 22 مىليارد 800 مىليون ياۋرو قىممىتىدە 118 يولۇچىلار ئايروپىلانىغا مۇناسىۋەتلىك بىر كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىمدە ئايروپىلانلارنىڭ سېتىلىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانىدى.

ئايرباستا ئامېرىكىنىڭ %10 لىك پېيى بولغانلىقى ئۈچۈن، شىركەت ۋاشىنگتوندىن ماقۇللۇق ئالماي تۇرۇپ ئىرانغا سودا مەھسۇلاتى ساتالمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر