ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى قوللىدى

تۈركىيەنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان تەكىتلەپ كېلىۋاتقان سۈرىيەدە «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش» تەكلىپىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن كېيىن گېرمانىيەمۇ قوللىدى.

575085
ئامېرىكا بىلەن گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرېنك ۋالتېر شتانيمايېر، سۈرىيەدە ۋاقىتلىق ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ نيۇ يوركتا چاقىرىلغان ب د ت يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان گېرمانىيە مىنىستىر سۆز قىلىپ، «سۈرىيەدە تۇراقسىزلىق داۋام قىلماقتا. ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنىڭ بىردىنبىر يولى ،سۈرىيەنىڭ مۇئەييەن مۇددەت بويىچە پۈتكۈل ھەربىي ئايروپىلانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە شەكىلدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىنىشىدۇر. بۇ مۇددەت ئاز بولغاندا ئۈچ، تېخىمۇ ياخشىسى يەتتە كۈن بولۇشى كېرەك» دېدى.

شتانيمايېر، بۇنداق بولغاندا ب د ت نىڭ سۈرىيەدىكى پۇقرالارغا ياردەم يوللاش ئىمكانىيىتىگە قايتىدىن ئىگە بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ مەسىلىنىڭ نيۇ يوركتا چاقىرىلىدىغان سۈرىيەنى قوللىغۇچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر