ئەردوغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىغا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بايدىنغا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د غا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

574869
ئەردوغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىغا تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
erdoğan-çipras.jpg
erdoğan-suudi arabistan veliahtı.jpg
şinzo abe-erdoğan-borut pahor.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 71 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن زىيارەتتە بولۇۋاتقان نىيۇ يورك شەھىرىدە ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشقا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بەزداغ، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ئالدىنقى پىلانغا چىقتى.

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بەزداغ بايدىغا فەتھۇللاھ گۈلەنگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى ھۆججەتلەرنى تاپشۇردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بايدىن گۈلەننى قولغا ئېلىش تەلىپى توغرۇلۇق تۈركىيەدىن تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارنىڭ كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاق سارايمۇ بۇ مۇھىم ئۇچرىشىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا بايدىننىڭ قانۇنسىزلىق ۋە زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دائىرىلىرىگە ياردەم بېرىش تەكلىپى سۇنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، جو بايدىن تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن، تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىغان ھەمدە تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئورگانلار ۋە قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈنلۈكىگە بولغان ئىشەنچىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بايدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە پۇقرالىرىغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن.

مۇسۇل ۋە رەققەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، ئەردوغان بايدىنغا تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي قۇيرۇقچىسى پ ي د غا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ كەسكىن ئىكەنلىكىنى، شۇڭا پ ي د قاتناشقان ھەرقانداق بىر ھەربىي ھەرىكەتكە داخىل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان نىيۇ يوركتىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە سىلوۋېنىيە پىرېزىدېنتى بورۇت پاھور، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، گىرىتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇچرىشىشلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر