دائېش ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدىمۇ؟

دائېشنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئارمىيەسى بىرلىكتە ئىشلىتىۋاتقان مۇسۇل شەھىرىدىكى ئەلقەييارە ھەربىي بازىسىغا قىچا گازى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

575091
دائېش ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ھەربىي بازىغا راكېتامىيۇت ياكى توپ ئارقىلىق ئېتىلغان بومبىنىڭ خىمىيەلىك تەسىرلىرىنى ئۆلچىگەن مۇتەخەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېش بازىغا  قىچا گازى بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دائېشتىن ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا قايتۇرۇۋېلىنغان ھەربىي بازا شەھەرنى ئازاد قىلىش ھەرىكەتلىرىدە قىسىملارغا ھاۋادىن ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر