ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى كىم؟

ئامېرىكا 19-سېنتەبىر سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە 20 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىغا، رۇسىيەنى جاۋاۈكار دەپ قارىماقتا.

574200
ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى كىم؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دائىرىلىرى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىككى ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. مەسئۇل دائىرىلەر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتى يولغا چىققاندا، رۇسىيەنىڭ ئىككى دانە «SU-24» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ياردەم ئەترىتىنىڭ ئۈستىدە كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاقساراي باياناتچىسى بېن رودېس ھۇجۇمنىڭ يا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ياكى رۇسىيە تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ھەممە ئەھۋالدا بۇ يەردىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىغا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى مەسئۇل دەپ قارايمىز» دېدى.

ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى: «خەلقئارا بىرلەشمە قىسىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى، رۇسىيە سۈرىيەدىكى ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ بىۋاستە بىر پارچىسى، دېدى» دەپ خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مەسئۇل خادىملار رۇسىيەنىڭ ھەپتە ئاخىرى بىرلەشمە قىسىمنىڭ دېيرۇز زۇرغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەلەبتىكى ھۇجۇمنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر مەسئۇل خادىم قوللىرىدىكى مەلۇماتلارنىڭ رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە بولسا، ئۆزىنىڭ ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى، ھۇجۇمنىڭ قۇرۇقلۇقتىن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايدا پەيدا بولغان ئورەك ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ھالىتىنىڭ، ھۇجۇمغا ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ سەۋەب بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تارتىلغان كۆرۈنۈشلەرنى تارقاتتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېكوۋ، كۆرۈنۈشلەردە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېنىدا تېررورىستلارغا تەۋە قوراللىق ئاپتوموبىلنىڭ بارلىقىنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار سۈرەتكە ئالغان كۆرۈنۈشلەرنى تەكشۈرگەندە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ چەت ئەلدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ، ھەلەبكە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئەترەتكە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى موسكۋا بىلەن دەمەشىققە ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ: «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتىگە سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار پۈتۈنلەي ئاساسسىز» دېيىلدى.

ب د ت ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، بارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى توختاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر