ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ 71-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى «داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىيات» نامى ئاستىدا باشلىدى.

573940
ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، دۇنيادا ھەممە كىشىنىڭ كېلەچىكىنىڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۆكۈمەتلەرنى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى ئۆزئارا ھەمكارلىققا چاقىردى. ئۇ 2030 –يىللىق داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىيات نىشانىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«كېلەچەكتىكى ئەۋلادلىرىمىز خەتەر ئاستىدا. باي بىلەن كەمبەغەل ئارىسىدىكى پەرقلەرنى تۈگىتىدىغان، ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتلەرگە قارشى كۆكرەك كېرەلەيدىغان كۈچىمىز بار. يەر شارى كىلىماتىغا مۇناسىۋەتلىك پارىژ كېلىشىمىنىڭ بۇ يىل ئاخىرىغىچە يولغا قويۇلۇشىنى چاقىرىق قىلىمەن.»

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن سۈرىيە كىرىزىسى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەترىتى ئاپتوموبىللىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ: «بومباردىمان قىلغانلار قورقۇنچاقلاردۇر، پەسكەشلەردۇر» دېدى. ئۇ بۇ يىغىن زالىدا بارلىق تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەدە پۇقرالارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلەرنى كۆرمەسكە سالغان، ياردەم قىلغان، ھەتتا پىلانلىغان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بار» دېدى.

ئۇ كۆچمەنلەر ئۈستىدە توختالغاندا: «مۇسۇلمانلار <گۇناھ ئۆچكىسى> دەپ ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. سىياسىي رەھبەرلەرگە ئىنسانلارنى پارچىلىماسلىقنى، قورقۇنچ ئۇرۇقلىرىنى تېرىماسلىقنى چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.

ئۇ ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشنىمۇ ئەيىبلىدى. ئۇ: «دۇنيانىڭ يېرىمى ئاياللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. مەنمۇ ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيا ئىكەنلىكىنى قوللايمەن» دېدى.  

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن يىغىندىن كېيىن رەھبەرلەرگە چۈشلۈك تاماق زىياپىتى بېرىدۇ. ب د ت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى ئالتە كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىنغا 140 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى قاتنىشىدۇ.

2015-يىلى ب د ت نىڭ نىيۇ يوركتىكى مەركىزىدە 1500 دىن ئارتۇق ئايرىم ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئومۇمىي كېڭەشتىكى يىغىن داۋام قىلىۋاتقان پەيتلەردە، كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ بۈگۈن (20-سېنتەبىر) سۆز قىلىدۇ. رەھبەرلەر يىغىن ۋەسىلىسى بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر