سۈرىيەدە يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

سۈرىيەدە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى نۇرغۇن قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

572632
سۈرىيەدە يولغا قويۇلغان  ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە 12-سېنتەبىردە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

ئىگىلىنىشچە، دەرا رايونىدا سۈرىيە ئارمىيەسىگە تەۋە بىر تىكئۇچارنىڭ ئولتۇراق رايونلارغا ۋارىل بومبىلىرى ئېتىشى نەتىجىسىدە 8 ئادەم ئۆلگەن.

بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان دەير ئەز-زۇردا ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە بىر ھەربىي بازىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىپ 60دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نارازىلىقلار ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

رۇسىيە بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتى ئامېرىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 24 سائەت ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 50قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

موسكوۋا ھاكىمىيىتى ۋەقە توغرۇلۇق ئامېرىكىنىڭ چۈشەندۈرۈش بېرىشىنى كۈتمەكتە. رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىمۇ ب د ت نى ئامېرىكىنى ئەيىبلەشكە چاقىردى، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن «ئامېرىكىنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ئەيىبلىنىشىنى ۋە سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنىشىنى»تەلەپ قىلدى.

سۈرىيە ئارمىيەسى ھۇجۇمدا 60دىن ئارتۇق ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ رايوندا دائېشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى، چۈنكى بومباردىماندا بۇ تەشكىلاتقا قارشى ھۇجۇم تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقان ھاكىمىيەت ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ «ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېررورچىلارنى قوللىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئامېرىكا مەسئۇللىرى ھەربىي بازىنىڭ خاتا ھالدا بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەر بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان مارك ئايرولت ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر