ئامېرىكا: پ ي د نىڭ سۈرىيەگە بىزنىڭ بايرىقىمىزنى قادىغانلىقىدىن خەۋىرىمىز يوق
ئامېرىكا «ھەمراھىمىز» دەپ تەرىپلەۋاتقان پ ي د لىق تېررورىستلارنىڭ سۈرىيەدە ئامېرىكا بايرىقىنى قادىغانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كوك سۈرىيەنىڭ تەلئەبياد ناھىيەسىدىكى بىنالارغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ رايوندىكى قۇيرۇقچىسى بولغان پ ي د لىق تېررورىستلارنىڭ ئامېرىكا بايرىقىنى قادىغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق بىر خەۋەرنى كۆرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر ئەھۋال بولسا، بۇ ھەقتە ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز. بىراق بىز ئىلگىرىمۇ ئىتتىپاقداشلىرىمىزدىن ئامېرىكا بايرىقىنى قادىماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدۇق.»
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د نىڭ تەل ئەبياد ناھىيەسىنىڭ مۇمباتىھ رايونىدىكى 3 نۇقتىغا قادىغان ئامېرىكا بايرىقىنى شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىدىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
تېررورىستلار 2 – سېنتەبىر كۈنىمۇ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى مۇنبىچ ناھىيەسىگە قاراشلىق رافى يېزىسىدا ئامېرىكا بايرىقىرىنى قادىغان. يەرلىك مەنبەلەر تېررورىستلارنىڭ بايراقنى قالقان قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.