ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، سۈرىيەدىكى 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش بويىچە كېلىشتى.

571066
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، سۈرىيەدە ئېلان قىلىنغان 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يەنە 48 سائەت ئۇزارتىلىشى توغرىسىدا كېلىشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارك تونېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

كېررى بىلەن لاۋروۋنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تونېر، ئىككى مىنىستىرنىڭ سۈرىيەدە 12 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى باشلىغان 7 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يەنە ئىككى كۈن ئۇزارتىلىشى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلگىرىكى كۈنلەرگە سېلىشتۇرغاندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سۈرىيە مىقياسىدا مۇئەييەن دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى تەكىتلىگەن تونېر، شۇنداقتىمۇ كېلىشىمگە خىلاپ بەزى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ئەسكەر بىلەن بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان مارك تونېر، موسكۋانى ئەسەدكە بېسىم ئىشلىتىشكە ۋە ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ جايىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىردى.

«ھازىرغىچە ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرنىڭ جايىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرمىدۇق» دېگەن تونېر، رۇسلارنىڭ ئەسەدكە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە 9 – سېنتەبىر جۈمە كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە قۇربان ھېيتىدا سۈرىيەدە توقۇنۇشلارنى توختىتىش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى. بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش، 12 – سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى سۈرىيە ۋاقتى سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە كۈچكە ئىگە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر