سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ باشلاندى

سۈرىيەدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش قارارى، تۈنۈگۈن (12-سېنتەبىر) سائەت 19:00 دا باشلاندى.

570046
سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىش ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرنى ئازىراق بولسىمۇ توختىتىش ئۈچۈن قارار قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش، تۈنۈگۈن سائەت 19:00 دا باشلاندى. ئۇرۇش توختىتشنىڭ دەسلەپكى مۇددىتى 48 سائەت بولىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي سۈرىيەدە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «سۈرىيەدە مەسىلىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتىن باشقا چارە يوق. بۇ پارچىلانمىغان سۈرىيەنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دۆلەت مىقياسىدا توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، جىمجىتلىق يەتتە كۈن داۋام قىلغان تەقدىردە ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن «ئورتاق ئىجرا مەركىزىي» قۇرۇلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.ئۇ توقۇنۇشلارتوختىمىغان ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر يەتكۈزۈلەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇنىڭ داۋاملاشمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ نۇقتىغا قەدەممۇ قەدەم يېتىپ كېلىندى، ھەل قىلىش چارىسىمۇ قەدەممۇ قەدەم بولۇشى مۇمكىن.»

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قۇربان ھېيتتا ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى 18-سېنتەبىرگىچە پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئارمىيەنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش خىلاپلىقلىرىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى. ئەمما، يەرلىك مەنبەلەر ئۆكتىچىلەرنىڭ بەزى نۇقتىلاردا ئەنسىرەشلىرى بار بولسىمۇ، ئۇرۇش توختىتىش قوبۇل قىلىندى دەپ قاراش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەنسىرەشلىرى ئىچىدە، ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا ھېچقانداق كاپالەت بېرىلمىگەنلىكىدەك نۇقتىلارنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر