شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىنىقى ب د ت نى يەنە ھەرىكەتلەندۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

568893
شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىنىقى ب د ت نى يەنە ھەرىكەتلەندۈردى

شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى، شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولار ئىجرا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت باشلىدى.

كېڭەش شىمالىي كورېيەنىڭ 5.3 بال يەر تەۋرەشكە سەۋەب بولغان يادرو سىنىقىدىن كېيىن جىددىي يىغىن چاقىردى.

يېپىق ھالەتتە چاقىرىلغان يىغىندا ماقۇللانغان خىتابنامىدا، «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارالىرىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە  خەلقئارانىڭ تىنچلىقى بىلەن بىخەتەرلىكىگە تەھدىت»ھېسابلىنىدىغان شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرى قاتتىق ئەيىبلەندى.

شىمالىي كورېيە يادرو سىناقلىرىنى ئىزچىل داۋملاشتۇرغان تەقدىردە تېخىمۇ كۆپ ئېبمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خىتابنامىدا، بۇ دائىرىدە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە يېڭى ئېمبارگولار يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت باشلىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى سامانھا پاۋۇر، بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئىلغارلاشتۇرۇش ئارقىلىق رايون ۋە دۇنيانىڭ پۇت-قولىنى چۈشەپ قويۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  

پاۋۇر شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنى مەزمۇن قىلىدىغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنىڭ ئېلىندىغانلىقىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ «قانۇنسىز ۋە خەتەرلىك»قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلىنى چوقۇم تۆلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

يېڭى قارار لايىھەسىنىڭ قاچان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھازىرچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ب د ت 2006-يىلدىن بۇيان شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يولغا قويۇپ كەلمەكتە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ يىل بېشىدا قارار ئېلىپ ، شىمالىي كورېيەگە تېخىمۇ ئېغىر ئېمبارگولارنى يولغا قويغانىدى.

شىمالىي كورېيە ئالدىنقى كۈنى يادرو ئۇرۇش ئوق باشلىرىنىڭ كۈچىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يادرو سىنىقىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقىنىڭ ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان يادرو سىناقلىرى ئىچىدە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك بولغانلىقىنى ۋە 10 كىلوتونلۇق كۈچكە ئىگە سىناقنىڭ 5.3 بال يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر