ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىسىز قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

565249
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيە توغرىسىدىكى ئىختىلاپلاردا پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دىپلوماتلىرى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد بىلەن ئۆكتىچىلەرئارىسىدا ئىككى تاش ئوتتۇرىسىدا قالغان مىليونلارچە كىشىگگ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىمزالىنىشىغا ۋاستىچىلىك قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن G-20 يىغىنى ئېچىلغان خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر