52 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى

كولومبىيەدىكى 52 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى؛ كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن كولومبىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كۇبادا 4 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلىرى ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.

558976
52 يىللىق ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 52 يىللىق ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن «تارىخىي» تىنچلىق كېلىشىمى، كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا ئىمزالاندى؛ كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان قوشما باياناتتا؛ «ھەل قىلغۇچ، تولۇق ۋە كەسكىن كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقى» ئۇقتۇرۇلدى.

سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ياكى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا تەرەپلەر ئۆزئارا ئۇچرىشىدۇ، ئارقىدىن كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىنى تەكشۈرىدىغان ب د ت ھەيئىتىنىڭ رايوندا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىشى كۈتۈلمەكتە.

تىنچلىق مۇساپىسى كۆپ سانلىقى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارايىب دۆلەتلىرىدىن كېلىدىغان قورالسىز كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىنمۇ يېقىندىن كۆزىتىلىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، كولومبىيە پىرېزىدېنتى جۇان مانۇئېلل سانتوسقا تېلېفون ئېلىپ، تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى.

بىر چاغلاردا ئادەم كۈچى سانى 17 مىڭغىچە يەتكەن كولومبىيە ئىنقىلابچى قوراللىق كۈچلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە 7 مىڭ قوراللىق ئادىمى بار، دەپ قارالماقتا.

كولومبىيەدە يېقىنقى 52 يىللىق جەرياندا تەرەپلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 220 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 6 مىليونغا يېقىن ئادەم ھاياتى بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ بىخەتەر جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر