كېررى بىلەن لاۋروۋ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى تېلېفوندا كۆرۈشتى.

558392
كېررى بىلەن لاۋروۋ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھەلەب ۋەزىيىتى ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىق مەسىلىلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر