كەكلىجەدىن باشقا 4 يېزا دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىندى

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، ‹فىرات قالقىنى› ناملىق ھەربىي ھەرىكەت سايىسىدا كەكلىجە ۋە ئەتراپتىكى 4 يېزىنى قولىغا كىرگۈزدى.

558457
كەكلىجەدىن باشقا 4 يېزا دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، تۈركىيە بىرلەشمە ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن بىرلەشمە كۈچلەر ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىكى جەرابلۇس رايونىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى باشلىغان ‹فىرات قالقىنى› ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى سايىسىدا كەكلىجە يېزىسىنى قولىغا كىرگۈزدى.

ھەربىي مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (24- ئاۋغۇست) سەھەر پەيتىدە جەرابلۇس رايونىدىكى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تازىلاش مەقسىتىدە باشلانغان ھەرىكەت بىخەتەر ھالەتتە داۋاملاشماقتا.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، تۈركىيە چېگراسىنىڭ 3 كىلومېترىچە جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان جەرابلۇس ناھىيە مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىرغا يېقىن غەربىدىكى كەكلىچە يېزىسىنى بىرونىۋېكلارنىڭ ھەمرالىقىدا دائېشتىن قايتۇرۇپ ئالدى.

كەكلىجە يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى، ئۇ يەردىن شەرق تەرەپتىكى ناھىيە مەركىزىگە ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن يېزىنىڭ ئەتراپىدا بىخەتەرلىك چەمبىرىكى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى.

تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ جەرابلۇس رايونىدىكى دائېش نىشانلىرىغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كۈچلىرىنىڭ بىرونىۋىكلارنىڭ ھەمرالىقىدا جەرابلۇس مەركىزىگە قاراپ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ جەرياندا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى كەكلىجەدىن كېيىن دائېشنىڭ قولىدىكى يەنە 4 يېزىنى قايتۇرۇپ ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر