بۇلغارىيە: رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى ئامېرىكا ياردەم قىلىدۇ

بۇلغارىيە مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ خىرىس قىلىشلىرىغا قارشى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

558587
بۇلغارىيە: رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ خىرىسلىرىغا قارشى ئامېرىكا ياردەم قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇلغارىيە مۇداپىئە مىنىستىرى نىكولاي نېنچېۋ رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇلغارىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە پات-پات يېقىنلىشىپ قويىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ، بۇلغارىيەنىڭ ۋاقىتلىق ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇلغارىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھىمايىسىدىكى ھەمكارلىقى دائىرىسىدە 9-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرغىچە ئىككى ئامېرىكا ئايروپىلانىنىڭ بۇلغارىيەگە تەۋە MiG29تىپلىق ئايروپىلانلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان نىكولاي نېنچېۋ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمىتىمىز رۇخسەت قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ چىقىمىنى ئامېرىكا كۆتۈرىدۇ، بۇلغارىيە بۇ ئىشتا ھېچقانداق چىقىم تارتمايدۇ.»

بۇلغارىيەنىڭ ئۆز ئالدىغىمۇ ھاۋا تەۋەلىكىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن نىكولاي نېنچېۋ، پولشا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە بۇلغارىيەگە تەۋە MiG29تىپلىق ئايروپىلانلارنى رىمونت قىلىش ئۈچۈن 30 مىليون ياۋرو چىقىم قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر