كالىفورنىيە دالا ئوت ئاپىتى بىلەن ئېلىشماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى قىسمەن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىندى.

556060
كالىفورنىيە دالا ئوت ئاپىتى بىلەن ئېلىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كالىفورنىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن دالا ئوت ئاپىتى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دائىرىلەر ئوت  ئاپىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەمما، ھېلىھەم بەزى جايلاردا ئوت يالقۇنى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممىلا نەرسىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇپ ئىلگىرىلمەكتە؛ ھازىرغىچە 100 گە يېقىن ئۆي – ماكان كۈلگە ئايلاندى.

بەزى جايلاردا ئوت ئاپىتى داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلمىدى.

كالىفورنىيەدىكى قۇرغاقچىلىق دالالارنىڭ تۇتۇرۇقتەكلا كۆيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر