گېرمان كىنو چولپىنى: تۈركىيەنى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى پۈتكۈل جاھانغا تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن

گېرمان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنو چولپىنى ۋىلما ئەللېس تۈركىيەنى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى پۈتكۈل جاھانغا تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

555866
گېرمان كىنو چولپىنى: تۈركىيەنى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى پۈتكۈل جاھانغا تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 22 – نۆۋەتلىك سارايېۋو فىلىم فېستىۋالىغا مېھمان سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان ۋىلما ئەللېس ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

گېرمانىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئېللېس، «تۈركىيەدە بېشىمىزدىن كەچۈرگەنلەرنى تۈركىيە سىرتىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى قىيىن. شۇڭا، مەن تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا بۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈردۈم. ئۇلار بۇ ھەقىقەتلەرنى چۈشىنەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مېنى تەنقىد قىلدى» دېدى.

ئېللېس بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ناھايىتى مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى ئارقىدا قالدۇرغانلىقىنى، تۈركىيە – گېرمانىيە دوستلۇقىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملىشىشىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكلىرىنى پۈتكۈل جاھانغا تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.»

ئۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى يۈز بەرگەندە يولدىشى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «شۇ چاغدا يولدىشىم بوغازئىچى كۆۋرۈكىدە ئىدى. بېشىمىزدىن كەچۈرگەنلىرىمىز ناھايىتى چوڭ ئىشلار ئىدى. تاڭ ئاتقاندا قانداق ھېس قىلغانلىقىمىزنى، قانداق خاتىرجەم بولغانلىقىمىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە دېموكراتىيەنى قوغداش كۈرىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىمەن.»

تۈركىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان «كۈنلەر شۇنداق ئۆتىدۇ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا « Caroline » رولىنى ئالغان ئېللېس شۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى بالقان رايونىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا قويۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن داڭ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر