ياۋروپا ئىتتىپاقى «تۈركىيە ئىلگىرىلەش دوكلاتى» نى قايتىدىن قەلەمگە ئالىدۇ

ياۋروپا كومىتېتى، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىشنى پىلانلاۋاتقان «تۈركىيە ئىلگىرىلەش دوكلاتى» نى قايتىدىن يېزىشقا باشلىدى.

554422
ياۋروپا ئىتتىپاقى «تۈركىيە ئىلگىرىلەش دوكلاتى» نى قايتىدىن قەلەمگە ئالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2015 – يىلىدىن بۇيان مۇنتىزم ھالدا يېڭىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئىلگىرىلەش دوكلاتى» دا مۇساپىرلار كېلىشىمى، ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قانۇنى قاتارلىقلار ئورۇن ئالماقتا ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىن مەنبەلەردىن ئىگىلىنىشىچە، ئۆكتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ئىلگىرىلەش دوكلاتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى، بۇ تەشكىلاتقا قارشى كۈرەش ۋە جىددىي ھالەت مەسىلىلىرى ئورۇن ئالىدىكەن.

دوكلاتتا، تۈركىيەنىڭ بىر ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسىغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە ئارقىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ؛ جىددىي ھالەتنى ئىجرا قىلىشتا تۈركىيەنىڭ فىرانسىيەدىكىگە ئوخشاش ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئەمەل قىلىشنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا يېقىن مەنبەلەر، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئارمىيە ئىچىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى باشلامچىلىقىدا سادىر قىلىنغانلىقىنى، ئارمىيەنىڭ قوماندانلىق زەنجىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈرك خەلقىنىڭمۇ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا قارشى ئىكەنلىكى ۋە كوچىلارغا چىقىپ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە بەس – مۇنازىرە قىلىشقان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى، بۇ مەسىلىنىڭ سلوۋاكىيەدە 2-، 3- سېنتەبىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان غەيرىي رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ كەڭ دائىرىلىك فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ماتېرىيالىنى ياۋروپالىق مەنسەپداشلىرىغا تەقدىم قىلىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر