ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئالدىنقى كۈنى دىيارباقىر ۋە ماردىندا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېىپ بارغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى، ئەنقەرە بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

550556
ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىيەنىڭ يېنىدىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم دىيارباقىردا ۋە ماردىندا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلۈپ، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە  تۈركىيە خەلقى بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىدۇ. تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى تۈركىيەنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. تۈركىيە دائىرىلىرى قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلمەكتە. بۇلار ئارىسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پ ك ك نىڭ تۈركىيەگە قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىمۇ بار.»

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېرورىستلارنىڭ دىيارباقىرنىڭ سۇر ناھىيەسىدە ساقچىلار مۇلازىمەت ئاپتوموبىلىغا ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 12 كىشى يارىلانغانىدى. ماردىننىڭ قىزىلتەپە ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېرورىستلارنىڭ يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلىتىشى نەتىجىسىدە بىرونېۋىكتىكى بىر ساقچى شېھىت بولغان، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 ى ساقچى بولۇپ، جەمئىي 30 كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر