تۈركىيە - رۇسىيە ئۈچ يۆنىلىشلىك يىغىنى

تۈركىيە - رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى، ئاخبارات ۋە ئارمىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان ئۈچ يۆنىلىشلىك يىغىن تۈنۈگۈن تۇنجى قېتىم سېنت پېتېرسبۇرگدا چاقىرىلدى.

550798
تۈركىيە - رۇسىيە ئۈچ يۆنىلىشلىك يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 9 – ئاۋغۇست كۈنى سېنت پېتېرسبۇرگدا ئىشقا ئاشۇرغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە كۈنتەرتىپلىك ئۈچ يۆنىلىشلىك يىغىن چاقىرىش قارار قىلىنغانىدى.

تۈركىيە ھەيئىتى تۇنجى قېتىملىق يىغىن ئۈچۈن تۈنۈگۈن رۇسىيەگە كەتكەنىدى.

رۇسىيە دۆلەت دۇماسى دۆلەت مۇداپىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىكتور ۋودولاتىسكىي «‹ئىزۋېتىسيا› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، موسكۋانىڭ  مۇھىم يىغىندا، بولۇپمۇ سۈرىيە چېگراسىنىڭ تاقىۋېتىلىشى مەسىلىسىنى كۈنبتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى، تۈنۈگۈنكى يىغىننىڭ پۇتىن بىلەن ئەردوغان ئوتتۇرىسىدىكى سۈرىيە دىيالوگىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى، 9 – ئاۋغۇست كۈنىدىكى ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر