باش مىنىستىر يىلدىرىم پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد مالكىنى قوبۇل قىلدى

باش مىنىستىر يىلدىرىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد مالكىنى چانكايا سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

550502
باش مىنىستىر يىلدىرىم پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد مالكىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا، يىلدىرىم پەلەستىن خەلقى ۋە دۆلىتىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا تۈركىيەنى قوللىغانلىقىنى، بۇنىڭ، پەلەستىن خەلقى بىلەن تۈركىيە خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق رىشتىسى ۋە تەقدىرداشلىقنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە پەلەستىن داۋاسى ۋە خەلقىنى قوللاپ ۋە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، تۈركىيەنىڭ غەززەگە قىلىدىغان يېڭى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سېنتەبىر ئېيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، تۈركىيەنىڭ ئېھتىياجلىق بارلىق پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، پەلەستىننىڭ مىللىي مۇرەسسەچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مالكى بولسا پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى چىقىپ، تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن داۋاسىنى قوللىشىنىڭ پەلەستىن دۆلىتى ۋە خەلقىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، غەززەگە بېرىۋاتقان ياردەملەردىنمۇ ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. مالكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى. چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىش باسقۇچىدا پەلەستىن ۋە غەززەگە بېرىلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىلدە تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن،  پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق پەلەستىن خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتتى، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھەقتە ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، پەلەستىننىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، داۋاملىق ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە 137 دۆلەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتنىڭ پەلەستىننى ئېتىرىپ قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مالكى پەلەستىن بىلەن تۈركىيەنى بىر – بىرىگە باغلاۋاتقان كۈچلۈك بىر رىشتە بارلىقىنى، بۇ دائىرىدە، تۈركىيە – پەلەستىن ئورتاق مىنىستىرلار كېڭىشى قۇرۇش پىكرىنىڭ ئوتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئورتاق مىنىستىرلار كېڭىشى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ دەپ قارايمەن. بۇنداق بولغاندا، مۇناسىۋەتلىرىمىز يېقىن كەلگۈسىدە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يېتىدۇ.»

مالكى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى ئىسمائىل قاھرامان تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر