مىسىردا ئەنسار بەيت ئەل-ماقدىس تەشكىلاتىنىڭ 46 ئەزاسى ئۆلدى

مىسىر ئارمىيەسى ئەنسار بەيت ئەل-ماقدىس تەشكىلاتىغا تەۋە بىر قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى بومباردىمان قىلدى.

541868
مىسىردا ئەنسار بەيت ئەل-ماقدىس تەشكىلاتىنىڭ 46 ئەزاسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسىنىڭ رەفاھ شەھىرىدىكى قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىدا 46 ئادەم ئۆلدى.

رەفاھ شەھىرىنىڭ غەربىدە تېررورچىلارغا تەۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلار ۋە Apache تىك ئۇچارلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىندى.

ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر ئىچىدە قورال-ياراغ ئىسكىلاتىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىدىن سىرت ئەنسار بەيت ئەل-ماقدىس ناملىق تەشكىلاتنىڭ غوللۇق كاتتىۋاشلىرىدىن سامى شۇئەيىب بىلەن مۇھەممەد زەيجاننىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەنسار بەيت ئەل-ماقدىس تەشكىلاتى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. بىراق مەزكۇر تەشكىلات تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى.

مىسىر ئارمىيەسى بىلەن ساقچى ئىدارىسى 2013-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان سىنا قاتارلىق نۇرغۇن ۋىلايتتە «تېررورچى ۋە بۆلگۈنچى»دەپ ئاتىلىدىغان بارلىق كۈچلەرنى «خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى قوزغاش» بىلەن ئەيىبلەپ ھەربىي-ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر