ئامېرىكىدا تۈركىيەدىگە ئوخشاش ھەربىي-سىياسىي ئىسيان يۈز بەرگەن بولسا نېمىلەر يۈز بەرگەن بولاتتى؟

Youtubeئامېرىكىدا تۈركىيەدىگە ئوخشاش ھەربىي-سىياسىي ئىسيان يۈز بەرگەن بولسا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ ۋىدىئو ئېلان قىلدى.

536334
ئامېرىكىدا تۈركىيەدىگە ئوخشاش ھەربىي-سىياسىي ئىسيان يۈز بەرگەن بولسا نېمىلەر يۈز بەرگەن بولاتتى؟
abd darbe girişimi video.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Youtube تا 15-ئىيۇل كېچىدە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يۈز بېرىپ قالسا نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ۋىدىئو ئېلان قىلىندى.

Youtube قا Brkn تېلېۋىزىيە ئادرىسىدىن قاچىلانغان 3 مىنۇتلۇق ئىنگىلىزچە ۋىدىئودا، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان قانلىق ھەربىي-سىياسىي ئىسيان ئامېرىكىدا يۈز بېرىپ قالغان تەقدىردە نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى تەسۋىرلەنمەكتە.

ۋىدىئودا ئامېرىكىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمنى مەزمۇن قىلغان « Olympus Has Fallen »فىلىمدىن سىرت بەزى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ 15-ئىيۇل كېچىگە تەۋە ۋىدىئولار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغۇچىلارنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى بومباردىمان قىلىشىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئامېرىكا مەجلىس بىناسى بومباردىمان قىلىنغانلىقى خىيال قىلىنغان ۋىدىئو، ئامېرىكا پىرىزېدېنتى قالىدىغان مېھمانساراينىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى بىلەن تولغان 3 تىك ئۇچار تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە پىرىزېدېنتنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا قۇتۇلۇپ قالغانلىقى، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، نىيۇيورك شەھىرىدىكى Brooklyn كۆۋرۈكىنىڭ تانكىلار تەرىپىدىن تاقىۋېتىلغانلىقى، خەلققە ئوق ئېچىلغانلىقى، 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى،  CNN ، Fox ۋە CBS قاناللىرىنىڭ تارقىتىشلىرىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى، نىيۇيورك ۋە پايتەخت ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئايروپىلانلىرىنىڭ تۆۋەن ئۇچقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورگانلىرىدىن خەلقئارا ئىستخبارات ئورگىنى CIA بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى NSA نىڭ  تىك ئۇچارلار تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ.

فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تەرىپىدىن تۈركىيەدە چىقىرىلغان ھەربىي-سىياسىي ئىسيانغا مۇۋاپىق شەكىلدە تەييارلانغان ۋىدىئودا، ئامېرىكا پىرىزېدېنتىنىڭ خەلققە خىتاپ قىلغانلىقى، ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغان ئۇچقۇچىلار ھەيدىگەن  F-16 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرىزېدېنتى ئايروپىلانى Air Force One نى ھاۋادا ئىزدىگەنلىكى، ئامېرىكا مىقياسىدا چېركاۋ زىللىرىنىڭ چالغانلىقى، يۈك ماشىنىسى ھەيدىگەن ئاياللارنىڭ مەيدانلارغا كىشىلەرنى  يۆتكىگەنلىكىمۇ تەسۋىرلىنىدۇ.

ۋىدىئونىڭ ئاخىرىدا ھەربىي-سىياسىي ئىسيان چىقارغان فەتھۇللاچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتۇللاھ گۈلەننىڭ سايلورسبۇرگدىكى قونالغۇسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلىپ، «ئەگەر بۇ ئىسياننىڭ كەينىدىكى بىر كىشىنىڭ 8000 كىلومېتىر يىراقلىقتا خاتىرجەم ياشىشىنى تەخمىن قىلسىڭىز نېمىلەرنى ئويلىغان بولاتتىڭىز؟»دېيىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي-سىياسىىي ئىسياننى پىلانلىغان كىىشنىڭ دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

ۋىدىئونى https://www.youtube.com/watch?v=jMkXgiyqLDY تور بېتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر