لاۋروۋ: تۈركىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايمىز، دەپ ئويلايمەن

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى دائىرىسىدە سۈرىيە كىرىزىسى توغرىسىدا قايتىدىن دىيالوگ ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتتى.

521369
لاۋروۋ: تۈركىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايمىز، دەپ ئويلايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا مەنسەپدېشى جېين مارك ئايراۋلت بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان لاۋروۋ، «سۈرىيە مەسىلىسىگە چارە تېپىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن يېقىنقى چاغلارغىچە ناھايىتى تار دائىرىدە ئۇچرىشىشلىرىمىز بولدى، لېكىن، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇلار ئاخىرلاشقانىدى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئارىسىدىكى بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ، «تۈرك شېرىكلىرىمىز بىلەن سۈرىيەدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايمىز، دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن لاۋروۋ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېررورغا قارشى خەلقئارا مىقياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئايراۋلت بولسا، تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدىكى سۆزى جەريانىدا، «يەنە بىر قېتىم، تېررورىزمنىڭ ھەممە يەرنى ئۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. فىرانسىيە پۈتكۈل تۈرك خەلقى بىلەن ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدىدۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر