«مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تۈركىيە ئەمەس، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنىڭ تۈركىيە ئەمەس، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

517852
«مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تۈركىيە ئەمەس، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى توغرۇلۇق توختالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە قارىتا تۇتۇۋاتقان زىددىيەتلىك پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپادا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىرقچى ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان ئېقىملار ۋە باشقا كۈچلەر نۆۋەتتە تۈركىيەگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشنى كېچىكتۈرۈۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تۈركىيە ئەمەس، ئەكسىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر