خىتاي ساقچىلىرى چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەنلەرنى قايتۇرۇپ كەتتى
خىتاي ساقچىلىرى چېگرا سىرتىدا قېچىپ يۈرگەن سەككىز كىشىنى قايتۇرۇپ كەتتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگىنىدىكىلەر جەنۇبىي ئافرىقا، قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا قېچىپ يۈرگەن سەككىز ئىقتىسادىي جىنايەتچىنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىپ قولغا ئالغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت تەلىپىگە بىنائەن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ساقچى تۈرلىرىدىن مەخسۇس ئەترەت تەشكىللەپ، قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇشتا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ﮬەرىكەتنى تېزلىكتە قانات يايدۇرغان; ئاپتونوم رايون بويىچە چەتكە قاچقان گۇماندارلارغا قارىتا «بىر ئادەمگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش» ئۇسۇلىنى قوللانغان، ﮬەرىكەتچان باشقۇرۇش، پېيىگە چۈشۈپ تۇتۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغان. ﮬازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرى چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن سەككىز ئىقتىسادىي جىنايەتچىنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كېلىپ قولغا ئالغان.
لائوسقا قېچىپ كەتكىنىگە ئىككى يىل بولغان ئىقتىسادىي جىنايەت گۇماندارى زېڭ شياڭگو خوتەن شەﮬەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىقتىسادىي جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتى نەسىھەت قىلىپ قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ يىل 25-يانۋار ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.