ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار مەسىلىسى بويىچە تۇنۇس، نىگېر، ئېپىيوپىيە، مالى، سېنېگال، نىگېرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

505557
ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇساپىرلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
dimitris avramopoulos.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلغان مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمىگە ئوخشاش بىر كېلىشىمنى ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ئىمزالاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچكى ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېت ئەزاسى دىمىترىس ئاۋراموپولوس، قېچىش سەۋەبىدىن ياۋروپاغا قارىتا پەيدا بولغان مۇساپىرلار بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئاۋراموپولوس « Die Welt »ناملىق گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بەزى دۆلەتلەرنى ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش يولى ئارقىلىق مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى، ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرغان دۆلەتلەرگە بولسا  ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋراموپولوس تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن ئىگە بولغان تەجرىبىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە يول كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دەسلەپكى قەدەمدە تۇنۇس، نىگېر، ئېپىيوپىيە، مالى، سېنېگال، نىگېرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇساپىرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئىيوردانىيە ۋە لىۋاننىڭمۇ بۇ بەلگىلىمە دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.

دىكىترىس ئاۋراموپولوس يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش، ئادەم ئەتكەسچىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە چېگرىلارنى تېخىمۇ ياخشى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قايىل قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مالىيە ياردىمى ۋاستىسى بىلەن مۇساپىرلار قايسى دۆلەتتتىن كەلگەن بولسا شۇ دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشىدۇ.

ئاۋراموپولوس 2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە «كۆچ شىرىكلىرى»گە 8مىليارد ياۋرو ئاجراتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت ۋە خۇسۇسىي سېلىنما پىروگراممىلىرى يولغا قويۇلغان تەقدىردە 31 مىليارد ياۋرولۇق بايلىق يارىتىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئاۋراموپولوس، كومىتېتنىڭ بۇ پىروگراممىلارغا 3 مىليارد 100 مىليون ياۋرولۇق ئىقىساد ئاجرىتىدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان ئەھۋالدا سېلىنمىلارنىڭ 62 مىليارد ياۋرولۇق مىقدارغا يېتىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر