فىرانسىيەدە نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى فىرانسىيەدە دۆلەت ئورگانلىرى، جامە ۋە يەھۇدىي ئىبادەتخانىلارغا قىلىنماقچى بولغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئېلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

504995
فىرانسىيەدە نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى ۋاسىلىي خىرىتساك 10-ئىيۇندا باشلىنىدىغان ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى فىرانسىيەدە دۆلەت ئورگانلىرى بىنالىرى بىلەن جامەلەر ۋە يەدۇھىي ئىبادەتخانىلىرىغا قىلىنماقچى بولغان ھۇجۇملارنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خىرىتساك ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ 2016 ياۋروپا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى ۋە پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئەسناسىدا فىرانسىيەدە ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان 15 تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىرىتساك ئۇكرائىنا-پولشا چېگرىسىدا ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا قولغا چۈشكەن بىر فىرانسىيە پۇقراسىنىڭ ئۇكرائىنادا قورال ۋە پارتلاتقۇچ ماددا تېپىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنادىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى خىرىتساكنىڭ قارىشىچە، قولغا چۈشكەن بۇ فىرانسىيە پۇقراسى فىرانسىيەدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە جامەلەر بىلەن يەھۇدىي ئىبادەتخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان.

خىرىتساك مۇنداق دېدى: «قولغا چۈشكەن كىشى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتلىرى، كوللىكتېپ كۆچ، ئىسلامنى تارقىتىش ۋە يەرشارىلىشىش توغرسىدا سەلبىي نەرسىلەرنى بايان قىلدى. بۇ كىشى يەنە بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پىلانى ئۈستىدىمۇ توختالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر