مىسىر رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ۋاقىتلىق ئاچىدۇ
مىسىر دائىرىلىرىنىڭ غەززە بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى 4 كۈن بويىچە قوش يۆنىلىشلىك ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
501839
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىياد ئەلبەزم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنىڭ رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى بۈگۈندىن باشلاپ 4 كۈن بويىچە قوش يۆنىلىشلىك ئاچىدىغانلىقىنى، چېگرا ئېغىزىنىڭ جۈمە كۈنى بىر كۈن تاقىلىپ شەنبە ۋە يەكشە كۈنلىرى قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىسىر ھۆكۈمىتى، 2013 – يىلى 3 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى ئاساسەن دېگۈدەك تاقىۋالغان بولۇپ، يىلدا پەقەت بىر قانچە قېتىملا ئېچىلىدۇ.