ئىران، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان ئۆزئارا كېلىشىم ئىمزالىدى

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى 3 دۆلەتنىڭ بىخەتەر قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

496835
ئىران، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان ئۆزئارا كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا «چاباھار كېلىشىمى» ئىمزالاندى.

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى چاباھار پورتىدىن ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا سوزۇلغان تىرانسپورت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇغلۇق ۋە تۆمۈر يولى لېنىيەسى سېلىنمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمگە بۇ ئىككى دۆلەتتىن  باشقا يەنە ھىندىستانمۇ ئىمزا قويدى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ئەھمەد زائى ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا دامودارداس مودىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئەمەلىيلەشتى.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدىن كېيىن چاقىرىلغان ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىران پىرېزىدېنتى  رۇھانى سۆز قىلىپ، «بۈگۈن 3 دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تارىخىي خاراكتېرگە ئىگە بىر كۈن بولدى. چاباھار تىرانزېت يولى ئارقىلىق ھىندىستان  ئافغانىستاندىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز دۆلەتلىرىگىچە تۇتاشقان بولىدۇ.  كېلىشىم تېكىستى پەقەتلا ئىقتىسادىي بىر كېلىشىم ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رايوندىكى ئىمكانىيەتلەرنىڭ رايوننىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىغا قارىتىلغان سىياسي بىر كېلىشىمدۇر» دېدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودىمۇ 3 دۆلەتنىڭ بىخەتەر قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىپ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر