ھىندىستان-ئىران مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيمەكتە

ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن خەلقئارلىق ئېمبارگولار بېكار قىلىنغاندىن كېيىن ئىرانغا زىيارەتكە باردى.

495771
ھىندىستان-ئىران مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندا مودى ئىران پىرىزېدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تېھرانغا باردى.

ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئېمبارگولار بېكار قىلىنغاندىن كېيىن ھىندىستان باش مىنسىتىرىنىڭ ئىراندا زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

15 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىراندا زىيارەتتە بولغان ھىندىستان باش مىنىستىرى ھېسابلىنىدىغان نارېندا مودىنى، تېھران مېھراباد ئايرودۇرۇمىدا ئىران ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى تاييىپنىا كۈتۈۋالدى.

مودى تۇنجى بولۇپ سىخ ئىبادەتخانىسىنى زىيارەت قىلدى. مودىنىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ھىندىستان ئىراندىن يىلدا 12 مىليون توننا ئەتراپىدا خام ماددا نېفىت  ئېمپورت قىلىدۇ.

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم راھىمپۇر مودىنىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، رايون دۆلەتلىرى بىلەن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ھىندىستان-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

راھىمپۇر ئىراننىڭ ئېمبارگولار دەۋىردە ئىككىنچى چوڭ سودا شىرىكى بولۇپ كەلگەن ھىندىستاننىڭ نوپۇسى ۋە جۇغراپىيەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تاۋارلىرى ئۈچۈن ياخشى بازار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر