ئافغانىستان ھۆكۈمىتى: تالىبان رەھبىرى موللا ئەختەر ھۇجۇمدا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن (يەكشەنبە) بايانات بېرىپ، تالىبان ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى موللا ئەختەر مەنسۇرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

495540
ئافغانىستان ھۆكۈمىتى: تالىبان رەھبىرى موللا ئەختەر ھۇجۇمدا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجرائىيە ئىشلىرى باشلىقى، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستان چېگراسىنىڭ سىرتىدا مەنسۇرنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ بومباردىمان قىلدى، مەنسۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى كۈچلۈك، دېدى.

ئامېرىكىلىق مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار تۈنۈگۈن (شەنبە) بايانات بېرىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن بىر يەردە ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تالىباننىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، ھەرىكەتنىڭ لىدىرى موللا ئەختەر مەنسۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى رەت قىلدى.

ئانالىزچىلار، موللا مەنسۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى جەزملەشكەن تەقدىردە، تالىبان ھەرىكىتى سېپىدە پەيدا بولغان ئىختىلاپنىڭ چوڭقۇرلاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر