ئېكۋادوردىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 400 دىن ئاشتى
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى400 دىن ئاشتى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 3 مىڭغا يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر مىنۇت ئۈمىدلەر ئازايسىمۇ ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئىشلىۋەتقان ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا تېخىچە ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشماقتا.
ئېكۋادور پىرېزىدېنتى رافائېل كورېئا ئاپەت رايونىغا يېتىپ بېرىپ، تالاپەتكە ئۇچرىغا ئاممىدىن ھال سورىدى ھەمدە خەلقىگە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئىچىدە بۇ چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ يارىسىنى تېڭىش توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.
بۇ ئارىلىقتا، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئېكۋادورغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئىسپانىيە، بولىۋىيە، كۇبا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر جىددىي ياردەم بېرىش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرىنى ئېكۋادورغا ئەۋەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياردەم ئۈچۈن ھاۋا كارىدورى خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ 1 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.