سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى قۇرغان مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتىنىڭ، ئۆز ئالدىغا جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

474080
سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى تەشكىل قىلغان مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتى ھەيئىتى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئەۋەتىشنىڭ توختاپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا كېچىكتۈرىدىغانلىقلىرىنى قارار قىلدى.

مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتىنىڭ بۇ قارارى، تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ياكى مۇزاكىرەلەردىن چېكىنىش مەنىسىگە ئىگە ئەمەس. مەزكۇر قارار ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستىفان دېمىستۇراغا يەتكۈزۈلدى. دېمىستۇرا سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى ئالغان مۇزاكىرە ئالىي كومىتېتى ھەيئىتىنىڭ جەنۋەدە تۇرىدىغانلىقىنى، ھەيئەت بىلەن غەيرى رەسمىي ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېمىستۇرا ھەلەبتە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە چوڭ ئەندىشەلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇنلىغان رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا، سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كرېمىل سارىيى ئېلان قىلغان باياناتتا، سۈرىيەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان ئىككى رەھبەرنىڭ، ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئاقساراي ئېلان قىلغان باياناتتا، ئوبامانىڭ فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلىرىنى پۇتىنغا يەتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر