پۈتكۈل دۇنيا پاكىستاندىكى تېررولۇق ۋەقەسىنى بىردەك ئەيىبلەشتى

پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدىكى بىر بالىلار باغچىسىدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەسىنى پۈتكۈل دۇنيا بىردەك ئەيىبلەشتى.

459867
پۈتكۈل دۇنيا پاكىستاندىكى تېررولۇق ۋەقەسىنى بىردەك ئەيىبلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۈتكۈل دۇنيا پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىكى بىر بالىلار باغچىسىدا مەيدانغا كېلىپ 69 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان قانلىق ھۇجۇمغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن پاكىستاندىكى بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بان كىمۇن، پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئاز سانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تىگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پاكىستاننىڭ لاھور شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق تېررولۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

بۇ ھۇجۇمنىڭ «پەسكەشلەرچە»ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك باياناتچىسى نېد پىرايىس تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىرايىس تېررورىزىمنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن پاكىستان بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

كانادا باش مىنىستىرى جۇستىن تىرۇدىيۇ «ناھايىتى پاجىئەلىك بۇ ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر